بېرىنگ دېڭىزى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىن ئوكياننىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان دېڭىز بولۇپ، ئۇ بېرىنگ بوغۇزى ئارقىلىق شىمالىي مۇز ئوكياندىكى چۇكوتكا دېڭىزى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇبىي ئالىئوت ئاراللىرى ھەم كوماندىر ئاراللىرى ئارقىلىق تىنچ ئوكياندىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىدە ئا ق ش نىڭ ئالياسكا شتاتى، غەربىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كامچاتكا ئوبلاستى بار. دېڭىزنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتر، شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى 1500 كىلومېتر كېلىدۇ. يەر مەيدانى 2 مىليون 262 كۋادرات كىلومېتر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 1598 مېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 4773 مېترغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ غەربىدە ئانادىرون، كاراگىن، شەرقىدە نورتون، برىستول قولتۇقلىرى بار. دېڭىزدىكى چوڭراق ئاراللاردىن مۇقەددەس لاۋرېنتىيە، پىرىپلوۋا، نونىۋاك (يۇقىرىقى ئۈچ ئارال ئا ق ش غا قارايدۇ) ئاراللىرى بار. بۇ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان چوڭراق دەرياللاردىن يوكون، ئانادېر دەريالىرى بار. بېرىنگ دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ ئىقلىمى سۇبئارىتكىكا ئىقلىمىغا، جەنۇبى مۆتىدىل ئىقلىمغا كىرىدۇ. شىمالىي قىسمىدا فېۋرال ئېيىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃23-، جەنۇبىدا ℃0 دىن ℃4- قا يېتىدۇ. ئاۋغۇست ئېيىدا ℃5 دىن ℃10 قىچە بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى شىمالدا 200-400 مىللىمېترغىچە، جەنۇبىدا 1500 مىللىمېترغا يېتىدۇ. بۇ دېڭىزدا قاتناش ئەھمىيىتى چوڭراق بولغان پورتلاردىن سوېت ئىتتىپاقىدا پروۋىدېنىيە، ئا ق ش دا نوم قاتارلىق پورتلار بار. دېڭىزنىڭ نامى دېڭىزدا بىرىنچى قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بېرىنگنىڭ نامىغا قويۇلغان.