UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەريېڭى يەر ئارىلى

يېڭى يەر ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي مۇز ئوكيان ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ ئارخانگېلىسىكى ئوبلاستىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئورنى بارېنتس دېڭىزى بىلەن قارا دېڭىز ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ. جەنۇبتا ۋاگاچى ئارىلىدىن كارسكى بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر، كەڭلىكى 40-110 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، مەيدانى 82 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېڭى يەر ئارىلىنى ماتوچكىن بوغۇزى شىمال ھەم جەنۇبتىن ئىبارەت ئىككى ئارالغا ئايرىپ تۇرىدۇ. ئارالنىڭ يەر شەكلى تاغلىق، شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس. شىمالىي قىسمىدىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1547 مېتىرغا يېتىدۇ. ھاۋاسى سوغۇق بولۇپ، شىمالىي ئارالنىڭ يېرىمىنى مۇز قاپلاپ تۇرىدۇ، مۇز قاتلىمىنىڭ قېلىن يېرى 300 مېتىر كېلىدۇ. جەنۇبىي ئارالنىڭ كۆپ قىسمىنى تۇندىرا بەلبېغى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئاھالە بەك شالاڭ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقتا بېلىق، تيۇلېن، مورژ قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر