UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرداممام

داممام

دۇنيادىكى شەھەرلەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەرەب قولتۇقى بويىدىكى ئەڭ چوڭ پورتى، خاۋسا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، مۇھىم نېفىت سانائەت ئورنى. ئاھالىسى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ. داممام پورتى 1940 - يىللىرى نېفىت ئېلىش سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن. شەھەردە ئاساسلىق خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى، نېفىت - خىمىيە سانائەت ئورۇنلىرى، يېمەك - ئىچمەك سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا يېزا ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خورما، بۇغداي، قوناق، كوفى ئاپېلسىن قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، چارۋا بېقىلىدۇ، بۇ جايدا يەنە سۈت فېرمىسى، ئەرەب دېڭىز ئارمىيە شۆيۈەنى قاتارلىق ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
داممام | UyghurWiki | UyghurWiki