UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرفورتالېزا

فورتالېزا

دۇنيادىكى شەھەرلەر برازېلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى پورت شەھەر، سېئارا شىتاتىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر پارنايىبو دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مىليون 900 مىڭدىن ئاشىدۇ. فورتالېزا 1611 - يىلى سېلىنغان، 1823 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان 19 - ئەسىردىن باشلاپ تاشيول ھەم تۆمۈر يوللارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، زامانىۋى پورت شەھىرىگە ئايلانغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە پورت سودىسىنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتى جەھەتتە توقۇمىچىلىق، تېرە - خۇرۇم، ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىنى ئاسس قىلىدۇ. برازېلىيىنىڭ شەرقىي شىمالى رايونى بويىچە مۇھىم بېلىقچىلىق ھەم بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. برازېلىيىنىڭ شەرقىي شىمالى رايونى بويىچە مۇھىم بېلىقچىلىق ھەم بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ ھەرخىل قون سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىمۇ تەرەققىي قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر