UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرچىتتاگۇڭ پورتى

چىتتاگۇڭ پورتى

دۇنيادىكى شەھەرلەر بېنگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ پورتى، مۇھىم سانائەت مەركىزى، چىتتاگۇڭ پورتى ۋىلايىتى، ناھىيىسىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى. بۇ شەھەر كانافورى دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان، شەھەر بىلەن دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئارىلىقى 16 كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 889 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر 16 - ئەسىردە قۇرۇلغان. بۇ پورتتا 17 پرىستان بار. سۈيى چوڭقۇر، قاتناش يولىنىڭ كەڭلىكى 198-274 مېتر بولۇپ، دەريا ئاغزىدىن يۇقىرى ئېقىمىغا قاراپ يولغا چىققان پاراخوتلار بىۋاسىتە شەھەر ئىچىگە كىرەلەيدۇ. پورتنىڭ يۈك قاچىلاش، يۈك چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى زامانىۋى بولۇپ، يىلىغا 3 مىليون 700 مىڭ توننىدىن ئوشۇق يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. چىتتاگۇڭ پورتى بېنگالنىڭ مۇھىم ئېغىر سانائەت بازىسى. ئۇ جايغا نۇرغۇن ئېغىر، يېنىك سانائەت ئورۇنلىرى جايلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت ئايرىش، خىمىيە ۋە توقۇمىچىلىق، چاي، ئەينەك، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىق سانائەتلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر