ئەقەبە
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي ئاسىيادىكى ئىئوردانىيىنىڭ قىزىل دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم بىر پورت. كۆپ جايلىرى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق قورشىلىپ تۇرغان ئىئوردانىيە پەقەت مۇشۇ پورت رايونى ئارقىلىقلا سىرتقى دېڭىز ئوكيانلارغا چىقالايدۇ. بۇ پورت ئىئوردانىيىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن مال ئالماشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەقەبە پورتى ئارقىلىق بىر يىلدا 3 مىليون توننا فوسفورلۇق تۇز چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ھازىر بۇ جايدا 100 مىڭ توننىلىق پاراخوت توختاش ئورۇنلىرى، ئەقەبە بىلەن پايتەخت ئامماننى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككىنچى تاشيول ياسالماقتا. بۇ ئورۇن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن كىچىك بىر بېلىقچىلىق كەنتى ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 70 - يىللاردىن كېيىن ئۇ جايدىكى پورت تېز كېڭەيدى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا دېڭىز سۈيىنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش زاۋۇتى، خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى، ئېلېكتر ئىستانسىسى، ياغاچچىلىق زاۋۇتى، كېمىسازلىق زاۋۇتى قاتارلىق زاۋۇتلار قۇرۇلدى. شەھەر ئەتراپىدا يەنە ئىئوردانىيە بويىچە مۇھىم ساياھەت ئورۇنلىرى سېلىندى. ئىئوردانىيە ھۆكۈمىتى ئەقەبە قولتۇق رايونىدا 50 مىڭ كۋادرات مېتر جاينى ئىراقنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىجارىگە بەردى. بۇ جايدىن ئىراق ھۆكۈمىتى پايدىلىنىدۇ. ئەقەبە پورتى جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىزغا يۈزلەنگەن قىسمى تىك، سۈيى چوڭقۇر بولغانلىقتىن، بۇ جاينىڭ يەر ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئەرەبچە <ئەقەبە - تىك يار، ياكى يانتۇلۇق> دەپ نام بەرگەن. شەھەرنىڭ غەربىدە شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان يانتۇ ھالەتتىكى بىر جىلغا بار. مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغۇچىلار مۇشۇ جىلغىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئەقەبە پورت شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 35 مىڭ، بىراق كۈندۈزدىكى ئادەم 100 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى كۈندۈزى نۇرغۇن كىشىلەر چەت جايلاردىن بۇ جايغا كېلىپ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ، سۇغا چۈشىدۇ، دەم ئېلىپ تاماشا قىلىدۇ. شۇڭا شەھەرنىڭ كۈندۈزدىكى ئاھالىسى بەك كۆپىيىپ كېتىدۇ.