UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئوكىناۋا ئارىلى

ئوكىناۋا ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياپونىيىنىڭ كيۇشۇ ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوكىناۋا تىزما ئاراللىرى ئىچىدىكى ئاساسىي ئارال. ئۇ رىيۇ - كيۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئەڭ چوڭ ئارال ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 105 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ يېرى 31 كىلومېتىر كېلىدۇ، مەيدانى 1185 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاھالىسى 946 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئارالنىڭ شىمالىي تەرىپى تاغلىق بولۇپ، پۈتۈن ئارالنىڭ 3/2 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ناخاداكې، كاتسوئۇداگې، ئونناداكې مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 492 مېتىر كېلىدۇ. ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. شال، شېكەر قومۇشى، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائىتىدە كونسېرۋا ئىشلەش، شېكەر سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ناخا ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئوكىناۋا ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki