كراسنودار شەھىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فىدېراتسىيىسىگە قاراشلىق كراسنودار چېگرا رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى. بۇ شەھەر 1920 - يىلىدىن ئىلگىرى يېكاتېرىنودار دەپ ئاتالغان. بۇ شەھەر غەربىي سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىغا، كوبان دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئوڭ ياقىسىغا جايلاشقان. ئۇ يېنسەي دەريا باسسېپنىرىدىكى مۇھىم دەريا پورتى ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 609 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). كراسنودار شەھىرىنىڭ ئاساسى 1793 - يىلى سېلىنغان، ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي سىبىرىيىدىكى مۇھىم ماشىنىسازلىق ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ مەركىزى شەھىرى ھېسابلىنىدۇ، شەھەردە يەنە توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى بار.