نجامېنا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
چاد جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، قاتناش مەركىزى. چادنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، نجامېنا شەھىرى دۆلەتنىڭ غەربىي رايونىدىكى لوگونې دەرياسىدىن شارى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 400 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). نجامېنا قەدىمدە سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى مۇھىم سودا پونكىتى بولغان، كېيىن تەدرىجىي كېڭىيىپ، تەرەققىي قىلىپ، دكلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرىگە ئايلانغان. نجامېنا شەھىرى چادنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى. بۇ جايغا پاختا، خاسىڭ قاتارلىق دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى توپلىنىپ تارقىتىلىدۇ. بۇ جايدا ياغ چىقىرىش، شېكەر، ئۇن، چىگىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق قاتارلىق كچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. لوگونې، شارى دەريالىرى ئارقىلىق قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. تاشيول ئارقىلىق نېگىرىيە، ئوتتۇرا ئافرىقا، كامېرونلارغا بارغىلى بولىدۇ. بۇ جايدا خەلقئارا ئايرودرومى، چاد داشۆسى، 9 - ئەسىردىن بۇيانقى ئاسارئەتىقىلەر ساقلانغان مۇزېيى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بار.