UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربوۋې ئارىلى

بوۋې ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا، شىمالدىن جەنۇبقا <S> شەكلىدە سوزۇلغان ئاتلانتىك ئوكيان سۇ ئاستى تاغ ئومۇرتقىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى يانار تاغ ئارىلى، بۇ ئارال جەنۇبىي كەڭلىك 54°26′ بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق 3°24′ نىڭ كېسىشكەن يېرىگە توغرا كېلىدۇ. ئارالنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 8 كىلومېتر، شىمالدىن جەنۇبقا بولغان كەڭلىكى 6.4 كىلومېتر، مەيدانى 58 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز قىسمى دېڭىز يۈزىدىن 954 مېتر ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. بوۋې ئارىلى يۇقىرى كەڭلىك بەلباغقا جايلاشقانلىقى، غەرب تەرەپتىن كېلىدىغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھاۋاسى سوغۇق كېلىدۇ. ئۇنىڭ كۆپ قىسمى مۇزلۇقلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. شىمالىي تەرىپىدە مۇخ، لىشاينىك تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. بۇ ئاراللاردا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئاھالە يوق. كىت ئوۋلايدىغان پاراخوتلار بېكىتى بار. بۇ ئاراللارغا 1739 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى فرانسىيىلىك بوۋې بىرىنچى قېتىم تەكشۈرۈش ئەترىتىنى باشلاپ كەلگەن. ئارالنىڭ نامى شۇ كىشىنىڭ نامىغا بوۋې ئارىلى دەپ نام بېرىلگەن. بۇ ئاراللارغا 1927 - يىلى نورۋېگىيىلىكلەر كەلگەن. ھازىر بۇ ئاراللارغا نورۋېگىيە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر