UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركولومبۇ

كولومبۇ

دۇنيادىكى شەھەرلەر سىرىلانكىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، سرىلانكا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر، دۇنيا بويىچە مەشھۇر سۈنئىي پورت. شەھەر ئاھالىسى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر سىرىلانكىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كېلانى دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. كولومبو شەھىرى 17 - ئەسىرگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ، مۇھىم سودا مەركىزىگە ئايلاندى. ھازىر ئۇ سىرىلانكىنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، بۇ پورت ئارقىلىق پۈتۈن دۆلەتتىكى ئېكسپورت، ئىمپورت قىلىدىغام ماللارنىڭ % 90ى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. كولومبو شەھىرىدە توقۇمىچىلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيىۋى ئوغۇت، بالون، ماشىنىسازلىق، پولات - تۆمۈر قاتارلىق چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە يەنە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان تۆمۈر يول، تاشيوللار، خەلقئارا ئايرودرومى، مەشھۇر خەلقئارا يىغىن بىناسى، سىرىلانكا داشۆسىنىڭ شۆبىسى، دۆلەتلىك مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار بار. كىلانې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا سېلىنغان تۆت سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى پۈتۈن شەھەرنى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا دېشىۋالا، مانت لايۋىنيە، راتمالانا، كېلانىيە قاتارلىق كىچىك شەھەرچىلەر بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر