لاگوس
دۇنيادىكى شەھەرلەر
نېگىرىيىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. بۇ شەھەر ئوگون دەريا ئاغزىدىكى ئالتە كىچىك ئارال بىلەن قرۇۇقلۇقنىڭ بىر قىسمىغا جايلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى لاەوس ئارىلىغا شەھەرنىڭ مەركىزىي قىسىملىرى جايلاشقان. ئىكۋى، ۋىكتورىيە ئاراللىرى كۆۋرۈك ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى تەخمىنەن 5 مىليونغا يېتىدۇ (1982)، ئۇ غەربىي ئافرىقا بويىچە ئۈچ شەھەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. لاگوس نېگىرىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، بۇ جايدا چوڭ تىپتىكى ياغ زاۋۇتلىرى، كاكائو مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق، كۈندىلىك خىمىيىۋى سانائەت م ەھسۇلاتلىرى، ياغاچچىلىق ئىشلەپچىقىرىش، كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، قەغەز، كاۋچۇق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر، ئۈسكۈنىلىرى خېلى زامانىۋى بولۇپ، مەخسۇسلاشقان نېفىت، كۆمۈر، بېلىقچىلىق قاتارلىق پرىستانلىرى بار. لاگوس شەھىرى تۆمۈر يول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زارىيا، كانو، كادۇنا، مايدۇگورى، جوس قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. لاگوس شەھىرىدە خەلقئارا ئايرودومى، لاگوس داشۆسى، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، مۇزېي، دېڭىز قىرغاقلىرىدا دەم ئېلىش ھەم ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى ۋە باشقا مەشھۇر تارىخىي ئورۇنلار بار.