UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرلوس ئانگېلېس

لوس ئانگېلېس

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئا ق ش نىڭ تىنچ ئوكيان بويىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ سودا - سانائەت شەھىرى، نيۇ يورك، چېكگودىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ يەتتە مىليوندىن ئاشىدۇ (1980). بۇ شەھەردە ئا ق ش بويىچە مېكسىكىلىقلار بىلەن نېگىرلارنىڭ نىسبىتى خېلى يۇقىرى، بۇلاردىن باشقا يەنە خەنزۇ، ياپونلۇقلار، فىلىپپىنلىقلار خېلى كۆپ. لوس ئانگېلېس شەھىرى 1781 - يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى تەدرىجىىي كېڭىيىپ، تەرەققىي قىلىپ شۇ رايوننىڭ مۇھىم سودا مەركىزىگە ئايلانغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى كالىفورنىيىدە ئالتۇن كاننىڭ تېپىلىشى، شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يولنىڭ قۇرۇلۇشى، نېفىت كانلىرىنىڭ ئېچىلىشى، پاناما قانىلىنىڭ قېزىلىشىغا ئەگىشىپ شەھەرنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېزلىشىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان. ھازىرقى لوس ئانگېلېس شەھىرى ئا ق ش نىڭ تىنچ ئوكيان قىرغاق رايون بويىچە ئەمەس، پۈتۈن ئا ق ش بويىچە ئەڭ چوڭ سودا - سانائەت، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. لوس ئانگېلېس شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپى رايونلىرى ئا ق ش بويىچە ئايروپىلان سانائىتى بىلەن ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ مۇھىم مەكرىزى. بۇنىڭدىن باشقا ھەربىي قورال - ياراغ سانائىتى، نازۇك ئەسۋاب ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى، ئالىي سۈپەتلىك مېتال مەھسۇلاتلار سانائىتى، ئېلېكترون ئەسۋابلار سانائىتى، نېفىت ئايرىش، خىمىيە، پولات - تۆمۈر، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق جگھەتلەردىمۇ ئا ق ش بويىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. لوس ئانگېلېس شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ھوللىۋود دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق كىنو تېلېۋىزىيە سانائىتىنىڭ مەركىزى. بۇ جايدا 1865 - يىلى قۇرۇلغان ئاتاقلىق لوس ئانگېلېس داشۆسى، 1919 - يىلى قۇرۇلغان كالىفونىيە داشۆسىنىڭ لوس ئانگېلېس شۆبىسى، 1891 - يىلى قۇرۇلغان سانائەت شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، تەبىئەت، تارىخىي مۇزېي، گۈزەل سەنئەت مۇزېيى، گۈزەل سەنئەت مۇزېيى، مۇزىكا سەنئەت مەركىزى قاتارلىق مەدەىيەت ئورۇنلىرى بار. لوس ئانگېلېس شەھەر ئەتراپىدا يەنە ئاتاقلىق ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى، خەلقئارا ئايرودومى قاتارلىق ئورۇنلار بار. لوس ئانگېلېستىكى يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر