كۇيبىشېۋ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
① ئوبلاست. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان. 1928 -، 1936 - يىللىرىدا <ئوتتۇرا ۋولگا ئوبلاستى> دەپ ئاتالغان. مەيدانى 53 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 3 مىليون 93 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). 1928 - يىلى ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان. مەركىزى كۇيبىشېۋ شەھىرى. كۇبيىشېۋ ئوبلاستنىڭ يەر ۋەزىيىتى شەرقى ئېگىز، غەربى پەس بولۇپ، تۈزلەڭلىك بىلەن ئېدىرلىقلار ئۆزئارا كىرىشىپ كەتكەن، كان بايلىقلىرىدىن نېفىت ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا تەبىئىي گاز، مايلىق سىلانېتس، گۈڭگۈرت قاتارلىق كان بايلىقلىرىمۇ بار. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 300 - 450 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. نۇرغۇن يەرلىرىنى ئورمانلار، ئوتلاقلار قاپلاپ تۇرىدۇ. ۋولگا دەرياسى ئوبلاستىنىڭ غەربىي تەرىپىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، دەريا بويىدا كۇيبىشېۋ سۇ ئامبىرى، ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلغان. بۇ رايوننىڭ ئىككىنچى باكو مۇھىم نېفىت ئېلىنىدىغان رايونلىرىنىڭ بىرى. سانائىتىدە نېفىت ئايرىش، نېفىت خىمىيە، ماشىنىسازلىق (نېفىت ئۈسكۈنىلىرى، نازۇك ستانوك، ئاپتوموبىل، پاراخوت، ئايروپىلان) سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، ئاپتاپپەرەس، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا گۆشلۈك، سۈتلۈك كالا بېقىش تەرەققىي قىلغان. سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. مۇھىم شەھەرلىرى يېڭى كۇبېشۋىسكى، ژىكۇلېياۋىسكى، تولىيات شەھەرلىرىدىن ئىبارەت. ② (Куибыщев) — شەھەر نامى. 1935 - يىلدىن ئىلگىرى <سامارا> دەپ ئاتالغان. كويبىشېۋنىڭ ئاساسى 1586 - يىلى سېلىنغان، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى مۇھىم شەھەر، كۇيبىشېۋ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. سامارا دەرياسىنىڭ ۋولگا دەرياسىغا قۇيۇلۇش ئاغزىغا جايلاشقان، شەھەر رايونى كويبىشېۋ سۇ ئامبىرىنى بويلاپ 35 كىلومېتىرئ ۇزۇنلۇقتا سوزۇلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 257 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. سانائىتىدە نېفىت ئايرىش، نېفىت خىمىيە، ماشىنىسازلىق (نېفىت، تەبىئىي گاز، ئۈسكۈنىلەر، نازۇك ستانوك، كۆرسەتكۈچ ئەسۋاب، ئاپتوموبىل، پاراخوت، ئايروپىلان) سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. شەھەرنىڭ 80 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا ۋولگا لېنىن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغان. بۇ جايدا لېنىن ئۆز ۋاقتىدا ئولتۇرغان جايلار، دۆلەتلىك مۇزىكا مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار بار.