ۋىننىپېگ كۆلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
كاندانىڭ مانىتوبا ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. كۆلىمى 24 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 223 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. بۇ كۆلگە ۋىننىپېگ دەرياسى، دوبىن دەرياسى، ساسكاچىۋان دەرياسى ھەم رىبىر دەريالىرى شەرق، غەرب، جەنۇب تەرەپلەردىن قۇيۇلىدۇ. كۆل سۈيى نېلسون دەرياسى ئارقىلىق شەرقىي شىمالغا قاراپ ئېقىپ گودزون قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. كۆلدە بېلىق كۆپ، كۆل ئەتراپىدا دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى خېلى كۆپ.