كايمان تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
كارايىب دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالى بىلەن يامايكىنىڭ 290 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئاراللار چوڭ كايمان، كايمان بىراك، كىچىك كايمان قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 259 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 18 مىڭ 750 كىشى (1983). بۇنىڭ ئىچىدە نېگىرلار % 25نى، ئاق تەنلىكلەر %20 نى، ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر %55 نى، قالغىنىنى باشقىلار تەشكىل قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مەركىزى گېئورگى تاۋون شەھىرى. كايمان ئاراللىرى تروپىك دائىرىسىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25 ئەتراپىدا بولىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1400 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. كايمان ئاراللىرىغا 1503 - يىلى كولۇمبو كەلگەن، كېيىنكى خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە بۇ ئاراللارغا كىشىلەر ئولتۇراقلاشمىغان. 1670 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، ئەمما يامايكا باش ۋالىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1962 - يىلى 8 - ئايدا يامايكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كايمان ئاراللىرى يەنىلا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قېلىۋەرگەن. ھازىر ئەنگلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى تەيىنلىگەن باش ۋالى بۇ ئاراللارنى باشقۇرىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە بېلىقچىلىق ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن ساياھەتچىلىكمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئاز قىسىم جايلىرىدا تروپىك مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ.