گالاپاگوس تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
(كولون تاقىم ئاراللىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئېكۋاتورنىڭ تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان يانار تاغ ئاراللىرى بولۇپ، يەر مەيدانى 7976 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئاراللار شەرقتە جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن 970 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ، ئۇ يەتتە چوڭ ئارال، 23 كىچىك ئارال ۋە 50 تىن ئوشۇق يوشۇرۇن خادا تاشلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىسابرا ئارىلىنىڭ دائىرىسى ئەڭ چوڭ بولۇپ، 4275 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا سانتاكروز (1020 كۋادرات كىلومېتىر) ئارىلى تۇرىدۇ. گالا پاگوس ئاراللىرىنىڭ ئاھالىسى 4000 دىن ئاشىدۇ (1974)، ئاھالىنىڭ كۆپى مەركىزىي سان كرىستوبال شەھىرىگە ئولتۇراقلاشقان. گالا پاگوس ئاراللىرى 3 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ۋولقان ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن، ئۇ كۆپىنچە پېرو سوغۇق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن، ھاۋاسى سالقىن، ھۆل - يېغىنى ئازراق بولىدۇ. باكريسو پورتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 23.8بولىدۇ. بۇ ئاراللاردا كىچىك كۆللەر، بۇلاقلار بار، دېڭىز قىرغاقلىرىدا كاكتۇس ۋە چاتقال تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. گالا پاگوس ئاراللىرىدا ئولتۇراقلاشقان خەلق ئاساسەن بېلىقچىلىق ھەم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا كۆممىقوناق، شېكەر قومۇشى، كوفى، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. گۈڭگۈرت، تۇز قاتارلىق كان بايلىقلىرى قېزىلىدۇ، بۇ جايدىكى بالىترا ئارىلىدا ئايرودروم، سان كروز ئارىلىدا ئۆسۈملۈك ۋە تەبىئىي مۇھىت ئىلمىي تەتقىقات پونكىتى بار. گالا پاگوس ئاراللىرى بىلەن ئېكۋادور ئارىلىقىدا قەرەللىك ھالدا ئايروپىلان، پاراخوت قاتناپ تۇرىدۇ.