UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئەرەب يېرىم ئارىلى ئارىلى

ئەرەب يېرىم ئارىلى ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال. مەيدانى 3 مىليون 220 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇ غەربتە قىزىل دېڭىزى، جەنۇبتا ئادېن قولتۇقى، ئەرەب دېڭىزى، شەرقتە ئوممان ۋە پارس (ئەرەب) قولتۇقسۇلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلى گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئافرىقا قالقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ پالىئوگىن ئېپوخاسنىڭ ئاخىرى ۋە نېئوگىن ئېپوخاسىدا شەكىللەنگەن چوڭقۇر ئۈزۈلمە- قىزىل دېڭىز ئۈزۈلمىسى ئارقىلىق ئافرىقىدىن ئايرىلغان. ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرەپلىرى ئېگىز تاغلىق بولۇپ، شەرقىي تەرىپى پەس، ئوتتۇرا قىسىملىرىدا پارچە تاغلىقلار، چوڭ دائىرىلىك سەھرالار بار. ئارالنىڭ كەڭلىكى 1200 كىلومېتردىن 1900 كىلومېترغىچە كېلىدۇ، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 2240 كىلومېترغا يېتىدۇ. يېرىم ئارال شىمالدا نېفود چۆللۈكى بىلەن شىمالىي ئەرەب ئېگىزلىكىنى، غەربتىكى ئوتتۇرا ئەرەب ئېگىزلىكىنى، شەرقتىكى ئاھاك تاشلىق ئورۇنلار بىلەن تۈزلەڭلىكلەرنى، جەنۇبتىكى روب ئەلى خالى قۇملۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى يەمەن تاغلىقلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىز قىسمى 3760 مېتر بولۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلى بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدە قىزىل دېڭىزىنى بويلاپ شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان تاغلىقلارنىڭ كۆپىنچە ئېگىزلىكى 1000 مېتر ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ تاغلىقنىڭ قىزىل دېڭىز قىرغاقلىرىدا تار كەتكەن تۈزلەڭلىك ئورۇنلار بار. ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ نامى قەدىمىي يەھۇدى تىلىدىكى <ئارابا> يەنى <سەھرا> دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. ئەرەب يېرىم ئارىلى سىياسىي جەھەتتىن سەئۇدى ئەرەبىستانى، يەمەن جۇمھۇرىيىتى، ئوممان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى، قاتار، بەھرەيىن، كۇۋەيت قاتارلىق يەتتە دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەھەرلىرى بار. ئارالدا ئولتۇراق ئاھالىنىڭ مۇتلەق ككپ قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئورۇندا نېفىت ناھايىتى مول بولغانلىقتىن، بۇ ئارالدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە يەمەندىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي جان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر