UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرلېنىنگراد

لېنىنگراد

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. 1914 - يىلدىن بۇرۇن <پېتېربۇرگ> دەپ ئاتىلاتتى، 1914 - يىلدىن 1924 - يىلغىچە پېتروگراد دەپ ئاتالغان. 1924 - يىلدىن كېيىن لېنىننىڭ نامىغا <لېنىنگراد> دەپ نام بېرىلدى، بۇ شەھەر بالتىق دېڭىزىدىكى فىنلان قولتۇقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، نېۋا دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزى رايونىغا جايلاشقان، شەھەر ئاھالىسى 4 مىليون 867 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). بۇ ئورۇن 1703 - يىلى مۇھىم بىر قەلئە بولۇپ، چارروسىيىنىڭ دېڭىزغا چىقىشتىكى مۇھىم بىر ئاغزى بولغان. 1712 - يىلدىن 1912 - يىلغىچە چارروسىيە ھەم سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان. 1917 - يىلى لېنىن مۇشۇ جايدا ئۇلۇغ ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان. شەھەر رايونىدا نەچچە يۈزلىگەن كىچىك ئاراللار بار بولۇپ، كۆۋرۈكلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. شەھەر رايونىدا يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرى، خەلقئارا ئايرودرومى بار. لېنىنگراد سوېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. بۇ جايدا كېمىسازلىق، ئېنېرگىيە ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇلاردىن باشقا خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. بۇ شەھەردە لېنىنگراد داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق رۇس مۇزېي، قىشلىق ساراي، سىمولنىي سارىيى، شىدلىن كۇتۇپخانىسى قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
لېنىنگراد | UyghurWiki | UyghurWiki