مارىئانا تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان. ئورنى شىمالىي كەڭلىك °14-22°، شەرقىي ئۇزۇنلۇق °144-° 146ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. سايپان، تىنىئان، رۇتا قاتارلىق 16 يانار تاغ ئارىلى ھەم ئەتراپىدىكى مارجان ئاراللىرىدىن تەشكىللەنگەن. قۇرۇقلۇق مەيدانى 637 كۋادرات كىلومېتىر (گوئام ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) كېلىدۇ. ئاھالىسى 14 مىڭدىن ئاشىدۇ. مەمۇرىي مەركىزى سايپان ئارىلى، بۇ ئاراللارنى 1565 - يىلى ئىسپانىيە ئىگىلىگەن. 1899 - يىلى گېرمانىيە مۇستەملىكە قىلغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە ۋەكالىتەن باشقۇرغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئا ق ش نىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن، ھازىر بۇ جايدا ئا ق ش نىڭ مۇھىم ھەربىي بازىلىرى بار. ئارالدا شېكەر قومۇشى، پالما، بادان، كاكائو ئۆستۈ رۈلىدۇ، بېلىق تۇتۇلىدۇ، يەنە فوسفورلۇق تاش، گۈڭگۈرت، مارگانتېس قاتارلىق كان بايلىقلىرىمۇ بار.