UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركارپات تاغلىرى

كارپات تاغلىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تاغلىق بولۇپ، ئالىپ تاغ ئومۇرتقىسىنىڭ شەرققە سوزۇلغان بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ، بۇ تاغلىق چېخوسلوۋاكىيىنىڭ براتسلاۋا شەھىرىنىڭ يېنىدىن باشلىنىپ، پولشا، سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، رۇمىنىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تۆمۈر دەرۋازىغا قەدەر يېرىم چەمبەر شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1500 كىلومېتىر بولۇپ، غەربىي كارپات، شەرقىي كارپات ھەم جەنۇبىي كارپاتتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. غەربىي كارپات تېغىدىكى گېرلاخوف چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2655 مېتىر بولۇپ، كارپات تاغلىرىنڭى ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ تاغلىقتىن ئودرا ۋىسىۋا قاتارلىق دەريالار باشلىنىدۇ. ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، تاغ ئىچىدە مېنېرال بۇلاقلار، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۇز، سىماب قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
كارپات تاغلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki