ئۆلۈك دېڭىز
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي ئاسىيادىكى ئىئوردانىيە بىلەن پەلەستىن ئارىلىقىغا جايلاشقان دېڭىز، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 75 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە بولغان كەڭلىكى 16 كىلومېتىر، مەيدانى 1020 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 146 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر جايى 392 مېتىرغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ سۇ يۈزى يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۇ يۈزىدىن 392 مېتىر پەس بولۇپ، دۇنيادا قۇرۇقلۇقلار ئىچىدىكى يەر ۋەزىيىتى ئەڭ پەس ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. ئۆلۈك دېڭىز ئىچكى دېڭىز بولۇپ، 4 - دەۋرنىڭ باشلىرىدا ئافرىقىدا شەكىللەنگەن چوڭ شەرقىي ئافرىقا ئۈزۈلمە بەلبېغىنىڭ شىمالىغا سوزۇلغان داۋامى ھېسابلىنىدۇ. قەدىمدە ئۆلۈك دېڭىز سۇ يۈزى ھازىرقىدىن 220 مېتىر يۇقىرى بولۇپ، كېيىنكى ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا دېڭىز سۈيىنىڭ كۈچلۈك پارغا ئايلىنىشى نەتىجىسىدە سۈيى ئازلاپ، ھازىرقى ھالغا كېلىپ قالغان. بۇ رايوننىڭ كىلىماتى قۇرغاق بولغانلىقتىن، ھۆل - يېغىنى ناھايىتى ئاز، پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، ياز پەسىللىرى ئۆلۈك دېڭىز سۇ يۈزى قىش پەسلىدىكى سۇ يۈزىدىن 3-5 مېتىر تۆۋەن بولىدۇ. ئۆلۈك دېڭىز ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۆلۈك دېڭىز بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيىدە جانلىقلار يوقلا بولۇپ قالماسىتن، دېڭىز ئەتراپىدىكى جايلاردىمۇ ھېچقانداق ئوت - چۆپ ئۆسمەيدۇ. ئۆلۈك دېڭىز چوڭ تۇز ئامبىرى بولۇپ، مۆلچەر بويىچە ئۇنىڭدىكى تۇز زاپىسى بىلەن دۇنيادىكى 5 مىليارددىن ئوشۇق خەلقنى 2000 يىل تەمىنلىگىلى بولىدىكەن. تۇزدىن باشقا يەنە 2 مىليارد 200 مىليون توننا ئەتراپىدا ماگنىي خلورىد، 2 مىليارد توننا كالتسىي خلورىد قاتارلىق خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار بار ئىكەن.