UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربېلموپان

بېلموپان

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بېلىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، بېلىزنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. شەھەر ئاھالىسى 4500 دىن ئاشىدۇ (1983)، بېلىزنىڭ بۇرۇنقى مەركىزى 1961 - يىلدىكى قاتتىق بوران ھەم تاشقىن ئاپىتى سەۋەبىدىن ۋايران بولغان، ھازىرقى پايتەخت 1966 - يىلى سېلىنغان، 1970 - يىلى ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى تۇرۇشلۇق ئۇرۇن سېلىنغان، 1972 - يىلى پايتەخت رەسمىي بۇ جايغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. شەھەردە پارلامېنت بىناسى، ھۆكۈمەت ئىشخانا بىنالىرى، ئاھالە ئولتۇراق ئىمارەتلىرى، سودا بازارلىرى، خەلقئارا ئايرودرومى بار. بېلموپان شەھىرى تاشيول ئارقىلىق بېلىز شەھىرى، سىتەنلى شەھىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر