UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئىسكەندەرىيە

ئىسكەندەرىيە

دۇنيادىكى شەھەرلەر مىسىرنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى. قاھىرەدىن قالسا دۆلەت بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. ئىسكەندەرىيە نىل دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىنىڭ غەربىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تارماق يېرىم ئاراللار ئۈستىگە جايلاشقان. ئىسكەندەرىيە مىسىرنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى. بۇ شەھەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 332 - يىلى گرېتسىيىدىكى ماكېدونىيە پادىشاھى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ بۇيرۇقى بويىچە سېلىنغان. شەھەرنىڭ نامى ئۇنىڭ نامىغا ئىسكەندەرىيە دەپ ئاتالغان. ئىسكەندەرىيە قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 641 - يىلى ئەرەبلەر مىسىرنى بويسۇندۇرغانغا قەدەر مىسىرنىڭ پايتەختى بولغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىردىن 1 - ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتتا يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان، 16 - ئەسىردە شەھەر تەدرىجىي ۋەيران بولۇشقا باشلىغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى يەنە تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىپ ئافرىقا بويىچە مۇھىم پورت شەھىرى بولۇپ شەكىللەنگەن، ھازىر شەھەر ئاھالىسى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). ئىسكەندەرىيە مىسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ جايدا توقۇمىچىلىق، كېمىسازلىق، خىمىيىۋى ئوغۇت، نېفىت ئايرىش، نېفىت - خىمىيە، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. ئىسكەندەرىيىدىكى سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ 3/1 نى ئىگىلەيدۇ. ئىسكەندەرىيە پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت ھەم ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللار پۈتۈن مىسىر بويىچە ئېكسپورت ھەم ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللار پۈتۈن مىسىر بويىچە ئېكسپورت ھەم ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ % 80نى ئىگىلەيدۇ. يىلىغا 23 مىليون توننىدىن ئارتۇق مالنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئىسكەندەرىيە پورتى شەرقىي پورت، غەربىي پورت دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. غەربىي پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر بولۇپ، چوڭ ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. شەرقىي پورت بېلىقچىلىق پورتىدىن ئىبارەت. ئىسكەندەرىيە پورتىنى مىسىر ھۆكۈمىتى داۋاملىق كېڭەيتىپ قۇرماقتا. شەھەردە نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپلەر، پەن - تەتقىقات ئورۇنلىرى، مەشھۇر گرېك رىم مۇزېي، مەشھۇر تارىخىي ئورۇنلار، ئاتاقلىق خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار. ئىسكەندەرىيە شەھىرىنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يوللىرى ئارقىلىق مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىسكەندەرىيە | UyghurWiki | UyghurWiki