UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرماسكارېن تاقىم ئاراللىرى

ماسكارېن تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ماداغاسقار ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزىغا جايلاشقان. ماداغاسقار بىلەن بولغان ئارىلىقى 640-800 كىلومېتىر كېلىدۇ، تاقىم ئاراللار رىئونىئون، ماۋرىتىئوس، رودرىگوستىن ئىبارەت ئۈچ ئاراللار گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلگەن. ئومۇمىي يەر مەيدانى 4489 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 380 مىڭدىن ئاشىدۇ. ھەرقايسى ئاراللارنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدا تار كەتكەن تۈزلەڭلىكلەر بار. ئوتتۇرا قىسمى ئېگىزلىك، تاغلىقلاردىن ئىبارەت، ئەڭ ئېگىز چوققىسى رىئونىئوندىكى قارلىق چوققا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3096 مېتىر كېلىدۇ. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ ئىقلىمى نەم، تاغلىق رايونلىرىنىڭ مۆتىدىل ھەم سالقىن كېلىدۇ. ۋىندۋارد تاغ باغرىلىرىنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000-3500 مىللىمېتىر بولۇپ، زىچ ئورمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئاراللارغا 1507 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر كەلگەن. 17 - ئەسىردىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گوللاندىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيىلىكلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. بۇ ئاراللار ئىچىدىكى ماۋرىتىئۇس (رودرىگوسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 1968 - يىلى مۇستەقىل بولغان. رىئونىئون يەنىلا فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ تۇرماقتا، بۇ ئاراللار ئىقتىسادىي جەھەتتە شېكەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چاي، تاماكا، پۇراقلىق ماتېرىياللار، شال، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ماسكارېن تاقىم ئاراللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki