UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرناجىد

ناجىد

دۇنيادىكى شەھەرلەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بىر ئۆلكە. ئۇنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 780 مېتىر، شىمالدىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1500 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ئېگىزلىكنىڭ شىمالىنى چوڭ نىفود قۇملۇقى، شەرقىنى كىچىك نىفود قۇملۇقى، جەنۇبىنى روب ئېل خفلى قۇملۇقى قورشاپ تۇرىدۇ. ناجىد ئەسلى شۇ جايدا قۇرۇلغان كىنەزلىك دۆلەتنىڭ نامى بولغان، 1932 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغان. ناجىد ئۆلكىسىدە ئولتۇراقلاشقان خەلق 2 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ مەركىزى رىياد شەھىرى. ناجىد ئۆلكىسىنىڭ مۇھىم شەھەر ھەم يېزا ئىگىلىك رايونلىرى سامار تاغلىق رايونىغا، گېشىم، ۋاشىم، ئارىد، خارجى، ئافرىج، داۋامسىر قاتارلىق بوستانلىقلارغا تارقالغان. بۇ جايلاردا بۇغداي، ئارپا، قوناق، پۇرچاق، شال، سەي، مېۋە، خورما قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئېگىز ئورۇنلاردا ئات بېقىلىدۇ، قالغان جايلاردا كالا، قوي، ئېشەك، تۆگە قاتارلىقلار بېقىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر