UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرجەبىلتارىق بوغۇزى

جەبىلتارىق بوغۇزى

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي ياۋروپادىكى ئېبېرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى بىلەن غەربىي شىمال ئافرىقا ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بوغۇز - جەبىلتارىق بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ. جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ شىمالىدا گىبرالتار تاغلىقى، جەنۇبىدا ئوسسا تاغلىقى بار. بۇ تاغلار بوغۇزنىڭ ئىككى قانىتىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. جەبىلتارىق بوغۇزى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم سۇ يولى. بوغۇزنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ غەربىي تەرىپىنىڭ شىمالىدا ئىسپانىيىنىڭ تارىفا پورتى، جەنۇبىدا ماراكەشنىڭ تانژىر پورتى بار. بوغۇزنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ شىمالىدا جەبىلتارىق شەھىرى، جەنۇبىدا ماراكەشنىڭ سېئوتا پورتى بار. جگبىلتارىق بوغۇزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 65 كىلومېتر، ئەڭ تار جايى 14 كىلومېتردىن 44 كىلومېترغىچە كېلىدۇ. ئەڭ كەڭ يېرى 90 كىلومېتر كېلىدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە بوغۇزنىڭ بىر تەرىپىدە تۇرۇپ ئىككىنچى تەرىپىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بوغۇز سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 366 مېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 1181 مېتر، ئەڭ تېيىز جايى 150 مېتر كېلىدۇ. بوغۇزنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىن يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۈيى ئاتلانتىك ئوكيانغا، ئۈستۈنكى قىسمىدىن ئاتلانتىك ئوكيان سۈيى دېڭىزغا قاراپ ئېقىپ تۇرىدۇ. شورلىنىش دەرىجىسى %36دىن %38 كىچە كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر