UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركېمېروۋو

كېمېروۋو

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق كېمېدوۋو ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر 1918 - يىلى شېگلوۋ بىلەن كېمېروۋودىن ئىبارەت ئىككى جىڭنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن، 1932 - يىلغىچە شېگلوۋىسكى دەپ ئاتالغان، 1932 - يىلدىن بۇيان ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. كېمېروۋو شەھىرى كوزنېتىسكى ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدىكى توم دەريا بويىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 507 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). كېمېروۋو شەھىرى تارماق تۆمۈر يول ئارقىلىق چوڭ سىبىرىيە تۆمۈر يولى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئەتراپىدا مول كۆمۈر بايلىقى بار. بۇ شەھەر 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى كوزنېتىسكى (كۇز باس) كۆمۈرلۈكىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلغان، شەھەردە كوكۇس كۆيدۈرۈش، خىمىيە، كۆمۈر قېزىش، ماشىنىسازلىقنى ئاساس قىلغان سانائەت ئورۇنلىرى، سانائەت، مېدىتسىنا، سىفەن قاتارلىق ھەرخىل بىلىم يۇرتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر