خاسىي رۇمېل
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئالجىرىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز رايونى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايوننىڭ شىمالىدىكى ئالجىر شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 450 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ قاي 1956 - يىلى تېپىلغان. 70 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئېنىقلانغان تەبىئىي گاز زاپىسى 15 ترىليون كۇب مېتر بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ %50 نى تەشكىل قىلغان. 1975 - يىلى بىر يىلدا ئالغان تەبىئىي گازى 5 مىليارد 600 مىليون كۇب مېترغا يەتكەن. تەبىئىي گاز تۇرۇبىلار ئارقىلىق ئارزېۋ، سىكىكدادىكى تەبىئىي گازنى سۇيۇقلاندۇرۇش زاۋۇتلىرىغا يەتكۈزۈلۈپ چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.