مالايا يېرىم ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاسىيانىڭ شەرقىي جگنۇبىدىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا سوزۇلغان قىسمى بولۇپ، شىمالىي چېگرىسى كرا بوينىغىچە كېلىدۇ. شەرقىي تەرىپى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى بىلەن غەربى ئاندامان دېڭىزى ۋە مالاككا بوغۇزى بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. مالايا يېرىم ئارىلى مالاككا يېرىم ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1100 كىلومېتىر، كەڭلىكى 50-320 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ. مەيدانى تەخمىنەن 180 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بىرما، تايلاند ھەم مالايشىيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېرىم ئارالنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئېدىرلىقلار ئىگىلەيدۇ، دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، كاۋچۇك، پالما، ياغلىق پالما، ئاناناس قاتارلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى بىلەن قەلەي، ۋولفرام، تۆمۈر، نېفىت قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.