UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربراتسكى سۇ ئامبىرى

براتسكى سۇ ئامبىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتىپاقىدىكى يېنسېي دەرياسىنىڭ تارمىقى ئالگارا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا قۇرۇلغان، ئىركۇتىسكى ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ سۇ ئامبىرى 1954 - يىلى براتىسكى سۇ ئېلېكتر ئىستانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. توسمىنىڭ ئېگىزلىكى 124.5 مېتر، ئۇزۇنلۇقى 924 مېتر كېلىدۇ. كۆل رايونى براتىسكى شەھىرىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى ئانگارا دەرياسى ھەم ئۇنىڭ تارمىقى ئوكا، ئىيا دەريا ياقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 5470 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 31 مېترغا يېتىدۇ. ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 50 مىليارد كۇبمېترغا يېتىدۇ. بۇ سۇ ئامبىرى يېنسې دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. تۈك ئېلىش، سۇ قاتنىشى ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر