UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرلونگ ئارىلى

لونگ ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئا ق ش نىڭ شەرقىدىكى گودزون دەرياسىنىڭ ئېغىزى بىلەن شەرقىي دەريانىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئارالدىن ئىبارەت. مەيدانى 4356 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 199 كىلومېتىر، كەڭلىكى 19-37 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئارال مۇزلۇق چۆكمىلىرىنىڭ دۆۋىلىنىشىدىن شەكىللەنگەن، ئارالنىڭ غەربىي قىسمى ئا ق ش نىڭ نيۇ يورك شەھىرىنىڭ بروكلىن، كونس رايونلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، كۆۋرۈك ھەم كېمە ئارقىلىق مانخفتتان ھەم برونكس رايونلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئاھالىسى 5 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئوتتۇرا ھەم غەرب تەرەپلىرى يېزا ئىگىلىك رايونلىرى بولۇپ، كۆكتات تېرىلىدۇ، ئائىلە قۇشلىرى بېقىلىدۇ، بېلىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېڭىز قىرغاق رايونلىرى مۇھىم دەم ئېلىش رايونلىرى بولۇپ، نۇرغۇن مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر