ھېجاز
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ئۇ قىزىل دېڭىز بويىدىكى تار تۈزلەڭلىكلەر بىلەن ئىچكى قىسمىدىكى سىيت تاغلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 1100 كىلومېتىر، غەربتىن شەرققە كەڭلىكى تەخمىنەن 400 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، يەر مەيدانى 450 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. مەركىزى مەككە شەھىرى. ھېجاز ئۆلكىسىدە خورما ئۆستۈرۈلىدۇ، تېرە - يۇڭ، دەرەخ يىلىمى قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىىلدۇ. بۇ قاينىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، قەلەي قاتارلىق كان بايلىقلىرى تېخى تولۇق ئېچىلغان ئەمەس. ئىقتىسادىي كىرىمى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپلەپ ھەج قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ جايدا ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان مەككە، مەدىنە، تايىف قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار ھەم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ چوڭ پورتى جېددا شەھىرى بار.