يائۇندې
دۇنيادىكى شەھەرلەر
كامېرون بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. يائۇندې شەھىرى كامېروننىڭ ئەڭ چوڭ پورتى دوئالاردىن 200 كىلومېتىر شەرققە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 650 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇ شەھەردە ياغاچ، كاكائو پىششىقلاپ ئىشلەش، شېكەر، تاماكا، كۆن - خۇرۇم زاۋۇتلىرى، خەلقئارا ئايرودرومى، 1962 - يىلى قۇرۇلغان كامېرون داشۆسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئاتاقلىق ساياھەت ئورۇنلىرى، مەشھۇر ئۆڭكۈرلەر بار. شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئېدىرلىقلارنى ياپيېشىل ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. يائۇندې شەھىرى 1888 - يىلى سېلىنغان. 1889 - يىلى گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ قايغا كېلىپ، بىر ھەربىي پونكىت قۇرغان.