پېشت
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ۋېنگريىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر ئوبلاست، شىمالىي چېخوسلاۋاكىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 6393 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 960 مىڭدىن ئاشىدۇ. مەركىزى بوداپېشت شەھىرى. ئوبلاستنىڭ شىمالىدا شىمال - جەنۇب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان بورژونى تېخى بار، ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز چوۋانيوس چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 939 مېتر ئېگىز كېلىدۇ، بۇ قىشلىق چانا تېيىلىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. دوناي دەرياسى ئوبلاستىنىڭ غەربىي تەرىپىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈزلەڭلىك، ئېدىرلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ، غەربىدە تاغلىقلار بار. كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل ماترىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىقلاردىن باشقا كۆپ قىسىم جايلىرىدا 500-550 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قارا بۇغداي، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، كۆكتات قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئوبلاستنىڭ ئاھالىسى زىچ، تۆمۈريول، سۇ يول قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. سانائىتى ئاساسەن پايتەختى بودا - پېشتقا مەركەزلەشكەن، سانائەت مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن پۈتۈن دۆلەت سانائەت مەھسۇلات قىممىتىنىڭ % 50تىنى تەشكىل قىلىدۇ. ماشىنىسازلىق، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بوداپېشتتىن باشقا ۋاس سېگلېد، ناگىگۆرۆش، ئېرىد قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ سانائەت ئورۇنلىرى بار.