ۋانكۇۋېر
دۇنيادىكى شەھەرلەر
كانادانىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ پورتى، بىرىتان كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، كانادانىڭ مونتىرىئال، تورۇنتو شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى. ۋانكۇۋېر شەھىرى بۇرارد بوغۇزى بىلەن فراسېر دەريا ئاغزى ئارىلىقىغا جايلاشقان، شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مىليون 170 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، بۇ جايدا جۇڭگولۇقلارنىڭ نىسبىتى خېلى يۇقىرى تۇرىدۇ. ۋانكۇۋېرنىڭ ھاۋاسى يىللىق، قىش پەسلى سوغۇق بولمايدۇ، پورتنىڭ سۈيى توڭلىمايدۇ، بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃2.9، 7 -، 8 - ئايلاردىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃17.7 بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقادرى 1044 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ۋانكۇۋېرغا 1886 - يىلى كانادانىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول سېلىنغان، 1887 - يىلى رەسمىي قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان. 1910 - يىلغا كەلگەندە ئاھالىسى 100 مىڭدىن ئاشقان، ھازىرئ ۇ كانادانىڭ تىچن ئوكيان ياقىسىغا جايلاشقان ئەڭ مۇھىم سودا - سانائەت، پۇل مۇئامىلە مەركەلزىرىنىڭ بىرى، بۇ جايدا كېمىسازلىق، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەزچىلىك، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش، نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ياغاچچىلىق قاتارلىق سانائەتلەر بار، كانادا بىلەن دۆلىتىمىز ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرىدىغان ماللارنىڭ كۆپى ۋانكۇۋېر پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ پاراخوتلىرىمۇ ۋانكوۋېر پورتىغا قاتناپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، شەھەردە ئاتاقلىق باغچىلار، گۈللۈك مەيدانلار، دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق بىلىم يۇرتلىرى بار. ئۇ جايدىكى كونا بىرىتان كولۇمبىيە داشۆسى 1908 - يىلى قۇرۇلغان.