ئەرەب دېڭىزى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوممان قولتۇقى بىلەنئادېن قولتۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 3 مىليون 683 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 2734 مېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 5203 مېترغا يېتىدۇ. دېڭىزنىڭ ئىقلىمى تروپىك مۇسسۇنلۇق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. تېمپېراتۇرىيىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ فېۋرال ئېيىدىكى تېمپېراتۇرىسى ℃22 تىن ℃27 قىچە، 5 ئايدىكى تېمپېراتۇرىسى 23℃ تىن 29℃ قىچە، بولىدۇ، ھكل - يېغىن مىقدارى غەربىي تەرەپلەردە 25 دىن 125 مىللىمېترغىچە، شەرق تەرەپتە مول بولۇپ، 3100 مىللىمېترغا يېتىدۇ. دېڭىزنىڭ غەربىي شىمال قىسىملىرىدا بېلىق ككپ تۇتۇلىدۇ. دېڭىزنىڭ شورلۇق دەرىجىسى %35.8 دىن % 365 گە يېتىدۇ. پېرسىيەقولتۇقىدا %40 گە يېتىدۇ. ئەرەب دېڭىزى شەرقىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن غەربىي ئاسىيا، شەرقىي ئافرىقا ئارىلىقىدىكى مۇھىم قاتناش يولى، پېرسىيە قولتۇقىدىن غەرب ھەم شەرق تەرەپلىرىگە توشۇلىدىغان نېفىت ۋە باشقا ماللارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەب دېڭىز سۇ يوللىرى ئارقىلىق توشۇلىدۇ، ئەرەب دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى ئاتاقلىق پورتلاردىن بومباي (ھىندىستاندا)، كاراچى (پاكىستاندا) كولومبو (سىرىلانكىدا)، ئادېن (جەنۇبىي يەمەندە) قاتارلىق پورتلار بار. ئەرەب دېڭىزى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئەرەب دېڭىزى نامىنى ئالغان.