كىچىك سۇندا تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى سۇندا ئاراللىرىنىڭ بىر قىسمى. بۇ ئاراللار <نوساتىنكارا تاقىم ئاراللىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاراللار ياۋا ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ئىچىدىكى بايى، لومبول، سۇمبەۋە، كومودو، فلورېس، سولور، لومبلېن، ئالور، سۇمبە، سائوروتى، تمور قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ شىمالىي تارمىقىدا يانار تاغلار كۆپ، جەنۇبىي تارمىقىدا يانار تاغلار يوق. بۇ ئاراللار تروپىك بەلبېغىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ. تۆت پەسىل كۆرۈلمەيدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000-3000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمىنى تروپىك ئورمانلىرى، ئوت - چۆپلەر قاپلاپ تۇرىدۇ.