UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتار قۇملۇقى

تار قۇملۇقى

دۇنيادىكى شەھەرلەر پاكىستاننىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى بىلەن ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، بارخانلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 30-90 مېتر كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىزلىرى 150 مېترغا يېتىدۇ. ھاۋاسى قۇرغاق بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 100 مىللىمتېرغا يەتمەيدۇ، ئەڭ ئىسسىق ئاينىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃48-℃ 51قا يېتىدۇ. بۇ جايدا پەسىللىك، تۇزلۇق كۆللەر بىلەن قۇرغاق دەريا يوللىرى بار، بۇ جايدىكى خەلقلەر يەر قاتلىمىنىڭ چوڭقۇر قىسىملىرىدىن سۇ چىقىرىپ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇغداي، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
تار قۇملۇقى | UyghurWiki | UyghurWiki