قىزىل دېڭىز
دۇنيادىكى شەھەرلەر
قىزىل دېڭىز ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا 1932 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. شىمالدا سۇۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى 26 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى باب - ئەل - مەندەب بوغۇزى ئارقىلىق ئادىن قولتۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىزنىڭ ئومۇمىي مەيدانى 450 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەڭ كەڭ جايى 306 كىلومېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 3600 مېتىرغا يېتىدۇ. قىزىل دېڭىز دۇنيا بويىچە ئىككى چوڭ قىتئە ئارىسىدىكى قۇرغاق ئىسسىق سۇبتروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقتىن، سۇ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃32 بولسا، 200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃21 قا يېتىدۇ. كىلىماتى قۇرغاق بولغانلىقتىن ھۆل - يېغىن ئاز (100-200 مىللىمېتىر ئەتراپىدا) بولۇپ، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان چوڭ دەريالار يوق. سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، شۇڭا سۇنىڭ تەركىبىدە تۇز ماددىسى كۆپ بولۇپ، % 40ۋە %42 كە يېتىدۇ.