UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرشىمالىي ئوسېتىنسكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

شىمالىي ئوسېتىنسكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق بىر مەمۇرىي رايون بولۇپ، شىمالىي كاۋكازنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. مەيدانى 8000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 613 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىنىڭ كۆپىنى ئۇسكى خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا يەنە رۇس، ئەرمەن، گروزىن قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئوستېنىسكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى 1936 - يىلى قۇرۇلغان. مەركىزى ئورد ژونىكىدزې شەھىرى. ئاپتونوم جۇھمۇرىيەتنىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئېگىز بولغان كاۋگاز تاغلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇ تاغلىقتا مۇزلۇقلىرى تەرەققىي قىلغان. ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي تەرىپىنى تۈزلەڭلىكلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ جايلاردا نېفىت، قوغۇشۇن، سىنك، سۈرمە، كۈمۈش قاتارلىق كان بايلىقلىرى، مىنېرال بۇلاقلار بار. ئىقلىمى ماتىرىك ىاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئوتتۇرا قىسىم تاغ ئالدى بەلباغلىرىنىڭ بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃44 -، يەتتىنچى ئايلىقى ℃20.4 قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 600 دىن 900 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئوتلاقلار، كەڭ يوپۇرماقلىق ھەم يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. سانائەتتە رەڭلىك مېتاللارنى، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە كۆممىقوناق، بۇغداي، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر