UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرموسكۋا قانىلى

موسكۋا قانىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر 1947 - يىلدىن بۇرۇن <موسكۋا - ۋولگا قانىلى> دەپ ئاتىلاتتى، 1947 - يىلدىن كېيىن موسكۋا قانىلى دەپ نام بېرىلدى. بۇ قانال سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى موسكۋانىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، موسكۋا دەرياسى بىلەن ۋولگا دەرياسىنى باغلاپ تۇرىدۇ. قانال ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوڭ ياقىسىدىكى دۇبىنادىن باشلىنىپ، موسكۋا دەرياسىنىڭ سول ياقىسىغا قەدەر بارىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 128 كىلومېتىر (بۇنىڭ ئىچىدە سۇ ئامبىرى قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 19.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ قانال 1932 -، 1937 - يىللىرى قېزىلغان. قانالنىڭ 9 چۈشۈرگىسى، 6 يېرىدە سۇ ئامبىرى، نۇرغۇنلىغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى بار. بۇ قانال قېزىلغاندىن كېيىن موسكۋا بىلەن گوركىي، موسكۋا بىلەن لېنىنگراد ئارىلىقىدىكى قاتناش مۇساپىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 110 كىلومېتىر ھەم 1100 كىلومېتىر قىسقاردى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
موسكۋا قانىلى | UyghurWiki | UyghurWiki