UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئاڭكور يادىكارلىقى

ئاڭكور يادىكارلىقى

دۇنيادىكى شەھەرلەر كامبودژىنىڭ كونا پايتەختى ھەم مۇھىم ساياھەت رايونى. بۇ جاي شيەنلى ئۆلكىسىدىكى توڭىسا كۆلكى (جىنبيەن كۆلى) نىڭ شىمالىغا قايلاشقان. مىلاى 9 - ئەسىردىن 15 - ئەسىرگىچە كامبودژىنىڭ پايتەختى بولغان. كونىشەھەر رايونىنىڭ يەر مەيدانى تەخمىنەن 15 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، تۆت ئەتراپى تام بىلەن قورشالغان، تامنىڭ ئىچكى قىسمىدا خان سارايلىرى، بۇتخانىلار، ھەيۋەتلىك مۇنارلار بار. جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئاڭكور ھەيۋەتلىك مۇنارلار بار. جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئاڭكور بۇتخانىسى دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق بۇددا دىنى قۇرۇلۇش توپى بولۇپ، ھەممىسى ھەيۋەتلىك چوڭ تاشلار بىلەن سېلىنغان، تاملارغا ناھايىتى چىرايلىق نەققاشلار ئويۇلغان. بۇ ئورۇن كخېمر خەلقنىڭ قۇرۇلۇش — بىناكارلىق، نەققاشچىلىق سەنئىتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاڭكور يادىكارلىقى | UyghurWiki | UyghurWiki