UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋالپارايسۇ

ۋالپارايسۇ

دۇنيادىكى شەھەرلەر چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مۇھىم پورت شەھىرى، شۇنداقلا جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ پورتى. ۋالپارايسو چىلىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ 100 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا، چىلىنىڭ پايتەختى سانت ياگو شەھىرى جايلاشقان. بۇ ئىككى شەھەر تۆمۈريول ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 249 مىڭدىن ئاشىدۇ. ۋالپارايسۇ 1536 - يىلى سېلىنغان، كېيىن دېڭىز دولقۇنى، بوران، ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش قاتارلىق سەۋەبلەردىن نۇرغۇن قېتىم ۋەيران بولغان. ھازىرقى شەھەر 1906 - يىلدىكى يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. ھازىر بۇ شەھەرنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا دېڭىز دولقۇنلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش قاشلىرى بار. پورتنىڭ قۇرۇلۇشى خېلى زامانىۋى بولۇپ، چىلىنىڭ ئىمپورت قىلىدىغان ماللىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇشۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شەھەردە توقۇمىچىلىق، خىمىيە، يېمەك - ئىچمەك، سىر ئىشلەش، كۆن - خۇرۇم، كېمىسازلىق، مېتالچىلىق، شېكەر، تاماكا، دورا ياساش، ھاراق ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. ئۇ چىلى بويىچە پايتەخت سانت ياگودىن قالسا ئىككىنچى مۇھىم سانائەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. ۋالپارايسۇنىڭ ئىقلىمى يىللىق مۆتىدىل، مەنزىرىسى گۈزەل، شەھەردە ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، چېركاۋلار، مۇزېيلار، دۆلەتلىك كېمە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ۋالپارايسۇ | UyghurWiki | UyghurWiki