UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئىبېرىيە يېرىم ئارىلى

ئىبېرىيە يېرىم ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياۋروپانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ يېرىم ئارال. غەربىي تەرىپى ئاتلانتىك ئوكيان، شەرقىي تەرىپى يەر ئوتتۇرا دېڭىز، شىمالىي تەرىپى بېسكەي قولتۇق سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. شەرقىي شىمال پىرنىي تاغلىرى ئارقىلىق فرانسىيە بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. جەنۇبى جەبىلتارىق بوغۇزى ئارقىلىق ئافرىقا بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. مەيدانى 584 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرك ېلىدۇ، ئاھالىسى 60 مىليون 800 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). مەمۇرىي جەھەتتە ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئاندوررا ۋە ئەنگلىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى جەبىلتارىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېرىم ئارالنىڭ دېڭىز قىرغاق لىنىيىلىرى تۈز - تەكشى بولۇپ، ئېگىزلىك كۆپ. غەربى ھەم غەربىي جەنۇب تەرەپلىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەسرەك كېلىدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى مىسىت ئېگىزلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 600 مېتىر بولۇپ، پۈتۈن ئارالنىڭ %60نى تەشكىل قىلىدۇ. مۇلاسېن چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 3478 مېتىر بولۇپ، يېرىم ئارالنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئارالدا دۇئېرو، تاخو، گۋادىئانا ۋە ئېبرو قاتارلىق دەريالار بار، ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. قىشلىقى يىللىق، يازلىقى قۇرغاق ئىسسىق بولىدۇ. تۆمۈر، ۋولفرام، قەلەي، قوغۇشۇن، سىنك، قىزىل تۆمۈر، سىماب، ئۇران قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. سانائەتتە كان سانائىتىنى، مېتاللۇرگىيە، كېمىسازلىق، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كۆممىقوناق، زەيتۇن دەرىخى، ئاپېلسىن، ئۈزۈم قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ خىل زىرائەتلەرنىڭ كۆپى سۇغىرىشقا قولاي بولغان دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى بىلەن دەريا ۋادىلىرىغا مەركەزلەشكەن. مەركىزىي ئېگىز تەكشىلىكتە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقتا قوي بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر