ئابباس پورتى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مۇھىم پورت، دېڭىز قىرغاق ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، ھورقمۇز بوغۇزىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇن. شەھەر ئاھالىسى 45 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئابباس پورتىنى ھورموز بوغۇزىغا جايلاشقان كىشىم ئارىلى توسۇپ تۇرىدۇ. ئابباس پورتىنىڭ سۈيى چوڭقۇر ئەمەس، شۇڭا چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى بىۋاسىتە كېلەلمەيدۇ، ھازىر ئابباس پورتىنىڭ غەربىدە يېڭىدىن بىر پورت قۇرۇلماقتا. ئابباس پورتى ئارقىلىق ئاساسەن گىلەم، مېۋە - چېۋە قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ كونسېرۋا، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان.