ئابۇمۇسا ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
پېرسىيە قولتۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئارال. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4.8 كىلومېتر، كەڭلىكى 2.4 - 3.2 كىلومېترغا يېتىدۇ. مەيدانى تەخمىنەن 11.52 - 15.36 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئارالنىڭ ئۈستى يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرى بار. ئاھالىسى كۆپىنچە چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ھەم دېڭىزدىن مەرۋايىت ئېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ ئارالنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئىران بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكىدىكى شاجا خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش بار.