ھونولۇلۇ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئا ق ش نىڭ ھاۋاي شتاتىنىڭ مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاۋاي ئاراللىرى ئىچىدىكى ۋاخو ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن ئورۇن ئالغان، ئۇنىڭ يېنىدا ئا ق ش نىڭ تىنچ ئوكياندىكى مۇھىم دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىسى پېرل خاربور پورتى بار. ھونولۇلۇ شەھىرى ئا ق ش نىڭ مۇھىم قوناندانلىق شتابى جايلاشقان ئورۇن، ئۇنىڭ قاتناش ۋە ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھىم، تارىختىن بۇيان ئا ق ش نىڭ غەربىي قىرغاقلىرى بىلەن ئاسىيانىڭ شەرقىي رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم دېڭىز، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى بولۇپ كەلمەكتە. ھونولۇلۇنىڭ ئاھالىسى 325 مىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىنى ياپونلۇقلار، پولېنزىيىلىكلەر، ئا ق ش لىقلار، فىلىپپىنلىقلار، خەنزۇلار تەشكىل قىلىدۇ. سانائەتتە ئاساسەن شېكەر، كونسېرۋا، نېفىت ئايرىش، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، شەھەردە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى، ئالىي مەكتەپلەر بار. ھونولۇلۇنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بولغانلىقتىن، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.