ۋاشىنگتون
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئا ق ش نىڭ پايتەختى، مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر ئاتلانتىك ئوكيانغا يېقىن بولۇپ، پوتوماك دەرياسى ئارقىلىق كىچىك تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى شەھەر رايونىغا كىرەلەيدۇ. شەھەر ئاھالىسى 637 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ ئىچىدە نېگىرلار 450 مىڭدىن ئاشىدۇ. ۋاشىنگتون شەھىرى 1790 - يىلى ئا ق ش نىڭ بىرىنچى زۇڭتۇڭى ۋاشىنگتوننىڭ تەكلىپى بويىچە پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئا ق ش نىڭ پايتەختى 1800 - يىلى بۇرۇنقى پايتەختى فىلادېلفىيە شەھىرىدىن ھازىرقى شەھەرگە يۆتكەپ كېلىنگەن. ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېغىر سانائەت ئورۇنلىرى يوق. پەقەت يېنىك تىپتىكى نەشرىيات، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، بۇ جايدا ھەيۋەتلىك پارلامېنت بىناسى، ئاق ساراي، بەش بۇرجەكلىك بىنا، نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى، ۋاشىنگتون نامىدىكى خاتىرە مۇنارىسى، لىنكولىن (1860 - يىلى 11 - ئايدا ئا ق ش غا زۇڭتۇڭ بولغان كىشى)، جېففېرسون خاتىرە مۇنارلىرى، نامسىز قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىسى، 1789 - يىلى قۇرۇلغان گېئورتون داشۆسى، 1812 - يىلى قۇرۇلغان گېئورگى، ۋاشىنگتون نامىدىكى داشۆ قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتى، پەن - تېخنىكا تارىخى مۇزېي، ۋاشىنگتون نامىدىكى چوڭ چېركاۋ، ئالەم مۇزېيخانىسى قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار. شەھەرنىڭ ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ۋاشىنگتوننىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇ نۇرغۇن تارماق تۆمۈريوللار ئارقىلىق شەرقىي شىمالدا فىلادېلفىيە، نيۇ - يورك قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن، غەربتە بىتىتسبورگ، جەنۇبتا رىچموند شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق دۆلەتتىكى چوڭ شەھەرلەر، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلالايدۇ. شەھەرنىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستى قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ۋاشىنگتوندىكى بىرىنچى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1974 - يىلى سېلىنغان.