UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمەككە

مەككە

دۇنيادىكى شەھەرلەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى سىرات تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم دىنىي شەھەر، يەر مەيدانى 26 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 559 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، مەككە قەدىمدە بىرنەچچە قېتىم ۋەيران بولۇپ قايتا قۇرۇلغان. ئىسلام دىنىنىڭ ئىجادچىسى مۇھەممەت پەيغەمبەر 570 - يىلى مەككىدە تۇغۇلغان. 610 - يىلى مۇھەممەت پەيغەمبەر ئىسلام دىنىنى مۇشۇ جايدا ياراتقان. كېيىن بۇ شەھەر تەرەققىي قىلىپ ھەم كېڭىيىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاتاقلىق دىنىي شەھىرى، مۇھىم سودا مەركىزىگە ئايلانغان. 1925 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان تەركىبىگە قوشۇلغان. ھازىر بۇ شەھەرنى مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى باشقۇرىدۇ. مەككە شەھىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خېلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش، سانائەت، مەدەنىي - مائارىپ، سەھىيە، قاتناش - ترانسىپورت قاتارلىق جەھەتلىرىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلگەن. چەت ئەللەردىن يىلىغا ھەج قىلىشقا كېلىدىغانلارنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتكەن. بۇ شەھەردە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دىنىي ئورۇنلىرى، مۇھىم تارىخىي جايلار، كونىشەھەر خارابىلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئەۋلىيا مەسچىتى (مۇقەددەس مەسچىت) ھەم ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان <كاباھ> ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇلاردىەن باشقا ئالىي مەكتەپ، زامانىۋى مېھمانخانىلار، سودا رايونى، يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتلىرى بار. شەھەر رايونىدا ئاپارات، شىدا، ساۋور قاتارلىق تاغلار بىلەن مىنا كەنتى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ بار. مۇقەددەس مەسچىتنىڭ كۆلىمى 180 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇشى بەك ھەيۋەتلىك، يىلىغا ئىككى قېتىم رېمونت قىلىنىپ ئاقارتىلىدۇ. بۇ جايدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەج قىلغۇچىلار ئىسلام دىنىنىڭ ئادىتى بويىچە دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر